باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەشقەرگە مۇھەببەت باغلاش

2014.07.08 15:45   مەنبە: خەلق تورى

مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەشقەرگە مۇھەببەت باغلاش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: لياۋچېڭ كەسپىي-تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، 90-يىللاردا تۇغۇلغان شەندۇڭلۇق يىگىت دۇڭ شۈخاۋ پىدائىي بولۇپ شىنجاڭغا مۇلازىمىتى قىلىشنى تاللاپلا قالماي، سانجىدىكى شارائىتى ياخشى خىزمىتىدىن ئاكتىپلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، ئۆيىدىن تېخىمۇ يېراق جايدىكى قەشقەرگە كېلىدۇ. بىراق مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئالىي مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ «غەربكە مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ.

  بۇلتۇر 7-ئايدا، دۇڭ شۈخاۋ سانجى شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىرىنى يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش-باشقۇرۇش مەركىزىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ. ھەر قېتىم يېزىغا چۈشكەندە ئۇ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان جاينى تاللاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەنگۇڭ بازارلىق مەركىزىي ساناتورىيەدە ئىگە-چاقسىز 26 نەپەر بوۋاي-موماي بار بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ شارائىتى دېگۈدەك ياخشى ئەمەس، مەن شۇ جايدىكى ئىككى ساخاۋەتچى كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياشانغانلارغا پوسما، پەلەي، رادىيو قاتارلىقلارنى ئاپىرىپ بەردىم، ليۇخۇاڭگۇ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنى تاغلىق رايوندا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق كىيىملىرى كەمچىل، يېزىق قوراللىرى ئاددى بولغاچقا، مەن زىبو پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىنانە توپلاش پائالىيىتىگە تەشكىللىدىم، جەمئىي 110 ئىللىقلىق سومكىسى يىغىلدى.»

  بۇلتۇر 12-ئايدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ پىدائىيلىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۇڭ شۈخاۋ سانجىدىكى ئەۋزەل خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەشقەرگە يۆتكىلىشنى ئاكتىپلىق بىلەن تەلەپ قىلىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمەت سەھنىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، بايلىق مەنبەلىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ليۇ بىڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى