2014 -يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4:00دە، برازىلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچىرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى كوماندا تارىختا 21 قېتىم ئۇچراشقان. ئىلگىرىكى 20 قېتىملىق ئۇچىرىشىشتا برازىلىيە 12 مەيدان غەلبە قىلىپ، بەش مەيدان تەڭلەشكەن، ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولغان. بۈگۈنكى بۇ مۇسابىقىدە تارىخ بېتى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ گېرمانىيە كوماندىسى 7:1 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېڭىپ بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىلىرىنى ئارماندا قويدى.