خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇل، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان مەزگىلى بولۇپ، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى ئەتلەس توقۇش زاۋۇتىدا ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارامغا قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ماتېرىيال سېخىدا ياشانغان ئىككى ئۇيغۇر كىشى ئىشلىمەكتە ئىدى. خىشتىن قوپۇرۇلغان ئاددىي ئوچاقتا موماي داش قازاندىن پىلە غوزىكى سۈزۈپ، ئاپئاق مەشۇتلەرنى تاللاۋاتاتتى. بوۋاي ياندا چىغىرىقنى ئايلاندۇرۇپ، پىلە غوزىكىدىن مەشۇتلارنى ئايرىماقتا ئىدى.
مەنبە: خەلق تورى