باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىئۇل ئۇنىۋېرستېتىدا سۆزلىگەن نۇتقى

2014.07.07 08:51   مەنبە: خەلق تورى

  

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئىيۇل كورىيەدىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى سىئول ئۇنىۋېرسىتېتىدا « جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ ھەمكارلىق گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىپ، ئاسىيانى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇ جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ دوستلۇقى، جۇڭگونىڭ كېلەچىكى ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، جۇڭگونىڭ باشتىن ئاخىرى تىنچلىقنى قوغدايدىغان، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىدىغان دۆلەت بولۇپ، كورىيە بىلەن بىرگە ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ، رايون تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، قول تۇتۇشۇپ، ئاسىيانى گۈللەندۈرىدىغان، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شېرىكلەردىن بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ جۇڭگو كورىيە دوستلۇقىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن ، ئاسىيانى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتناشچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 5 مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قانداق بىر دۆلەت بولۇشى ناھايىتى كۆپ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە، مەن مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى كۆزقارىشىمنى ئېيتماقچى، بىرىنچى، جۇڭگو باشتىن ئاخىرى تىنچلىقنى قوغدايدىغان دۆلەت بولىدۇ، ئىككىنچى، جۇڭگو باشتىن ئاخىرى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت بولىدۇ، ئۈچىنچى، جۇڭگو باشتىن ئاخىرى كەمتەر ئۆگىنىدىغان دۆلەت بولىدۇ، جۇڭگو داۋاملىق دۇنيادىن ئۆگىنىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىدىن ئۆگىنىدۇ، ئىنسانلار ئىجاد قىلغان بارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئۆگىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچلىقنى قوغدايدىغان، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كەمتەلىك بىلەن ئۆگىنىدىغان جۇڭگو، جۇڭگو كورىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەردە نۇقتىلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى:

  بىرىنچى، ئېچىۋېتىلگەن، ئارىلاشما تەرەققىيات قېلىپى قۇرۇپ، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، جۇڭگو بىلەن كورىيە يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيانىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ھەمكارلىق تەرەققىيات ئېتىقادىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتتە توغرا مەنپەئەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. خەلقئارا ھەمكارلىقتا بىز مەنپەئەتكىلا ئەمەس، ئادىللىققىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، سىياسىيدا ئادىل ھەققانىي بولۇپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىقتىساددا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق غەلبە قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقتى ئۆتكەن ئىدىيەدىن ۋاز كېچىشىمىز، ھەم ئۆزىمىزگە ھەم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، ئادىللىق بىلەن پايدا تەڭپۇڭ بولغاندىلا ئاندىن تەڭ غەلبە قىلغىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قى لىپ، تىنچلىق، مۇقىملىق تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش. بىز سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورتاق تونۇشقا كېلىشىمىز، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە يول قويۇش روھى بىلەن ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلبە قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش پوزىتسىيەمىز بىلەن رىيال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشمىز كېرەك، بىز بىخەتەرلىك كۆزقارىشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە قوغدىشىمىز كېرەك، جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا جەنۇب بىلەن شىمال ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، يېرىم ئارالنىڭ ئەڭ ئاخىرى مۇستەقىل تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ يېرىم ئارال خەلقىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى بولالايدۇ.

  تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ھېسسياتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش. جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن، مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق، جۇڭگونىڭ تەيجى گۇمپا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، كورىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىغا تەيجى مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ، بىز مۇسبەت ۋە مەنپىز، قاتتىق ۋە يۇمشاقنى تەڭ ئىشلىتىشتەك قەدىمىي پەلسەپىنى ئەڭ چۈشىنىمىز، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۆزگىچە ئۈستۈنلىككە ئىگە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تارماقلىرى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە يېتەكلىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ئەربابلار ۋە بارلىق ئامما بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك، ئىككى دۆلەت خەلقى ئورتاق تىرىشىپ، غەلىبىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىپ، ئەبەدىي دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ قالدۇرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ كېلەچىكى ، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ كېلەچىكى ، شانلىق ياشلىق بولغاندىلا ئاندىن كىشىلىك تۇرمۇشتا قالتىس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغىلى بولىدۇ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئەينەك قىلىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نۇتۇق باشلىنىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ يەنە كورىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى دوست ئەربابلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى