باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاڭجوۋدا يۈز بەرگەن ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش دېلوسى پاش قىلىنىپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى

2014.07.08 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خاڭجوۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ خادىملىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىشى، ئەتراپلىق تەھقىقلىشى ئارقىسىدا، 5-ئىيۇل خاڭجوۋدا يۈز بەرگەن 7-يول ئاپتوبۇسىغا ئوت قويۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان، ساقچى تەرەپ دېلونىڭ پاش بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

  5-ئىيۇل سائەت 17 ئەتراپىدا، خاڭجوۋ شەھىرى دوڭپۇ يولى بىلەن چىڭچۈن يولى كېسىشىدىغان يول ئېغىزىدا 7-يول ئاپتوبۇسىغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، نۇرغۇن يولۇچى كۆيۈپ يارىلانغان. خاڭجوۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پاش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، سىن ماتېرىيالىنى تەھقىقلەش، زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىسپات توپلاپ، مەزكۇر دېلونىڭ ئوت قويۇش دېلوسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ھەمدە 6-ئىيۇل سەھەردە ئوت قويغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاممىۋىي ئابتوبۇستىكى ئېغىر كۆيۈپ يارىلانغان بىر ئەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. فاڭ لىې خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر