باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشتى(1)

2014.07.08 00:31   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشتى(1)

  گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ 6-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن دىياۋيۈتەي مېھمانخانىسىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە زوڭلىسى مېرىكىل بىلەن كۆرۈشتى.لى كېچياڭ مېرىكىلنىڭ يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە زوڭلىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە جۇڭگونىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى ، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. بۇ يىل 3-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيىدىكى زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز يېقىندىلا چېڭدۇدا زىيارەتتە بولدىڭىز، بۇ زىيارىتىڭىز جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن سىز بىلەن رەسمىي سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر بىرىگە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىقتىساد سودا، پۇل مۇئامىلە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ زور خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى كۈتمەكتىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەققىياتنى باشتىن ئاخىر بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىن تاللايدىغان يۆنىلىش قىلىدۇ.بىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىمىز تىنچ مۇقىم بولغان خەلقئارا مۇھىتقا موھتاج .تارىخنى ئەينەك قىلىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى نەزەر سېلىشىمىز، تىنچلىقنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قىلچە تەۋرەنمەيدۇ. گېرمانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەبەدىي تىنچ ، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  مېرىكىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنياغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمدىلا ئاياغلاشقان چېڭدۇغا قىلغان سەپىرىم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى