باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دوختۇر پويىزدا تۇغۇتقا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن قانۇنسىز داۋالاش ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىبلەندى» دەپ ئىغۋا تارقاتقۇچى جازالاندى

2014.07.08 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: نەنجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 6-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان «دوختۇر پويىزدا تۇغۇتقا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن قانۇنسىز داۋالاش ئېلىپ بارغان دەپ بېكىتىلدى ھەمدە تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلدى» دەپ ئىغۋا تارقاتقۇچى تەكشۈرۈپ تېپىلغان، ج خ تارماقلىرى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى جازاسى بەرگەن.

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتىن باشلاپ، ئۈندىدار، QQ توپى، مىكرو بلوگ قاتارلىق تور ۋاستىلىرىدە مۇنداق بىر يازما زور مىقداردا تارقالغان: «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ‹لى چيەن›پويىزدا تۇغۇتى قىستىغان ھامىلىدار ئايالغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن نەنجىڭ يۈخۇاتەي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ۋە نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز داۋالاش ئېلىپ بارغان دەپ قارىلىپ، 140 مىڭ يۈەندىن ئوشۇق تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلدى.» يازما تارقالغاندىن كېيىن، تور ئەھلىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا بولغان گۇمانىنى قوزغىغان.

  27-چېسلا، نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يازمىنى بايقىغاندىن كېيىن، كېچە-كېچىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەزەلدىن «لى چيەن» ياكى ھەرقانداق بىر دوختۇرنىڭ پويىزدا ئادەم قۇتقۇزۇش سەۋەبىدىن سوراققا تارتىلىپ باقمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دوختۇرخانىسىدىن ئېنىقلاش ئارقىلىق، بۇ دوختۇرخانىدا «لى چيەن» ئىسىملىك دوختۇرنىڭ يوقلىقىنى، يازمىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، نەنجىڭ ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغان.مۇخبىر جۇ گولياڭ

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر