باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ كاتتىۋېشى تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرۈندى

2014.07.07 23:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى باغدادى 4-ئىيۇل تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرۈندى. ئۆزىنى ئىسلام دۆلىتىنىڭ داھىيسى خەلپە دەپ ئاتىغان بۇ كىشى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى شەھەر ماۋسۇردىكى بىر مەسچىتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى مۇراجەت قىلدى.

  «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى سۇرىيە ۋە ئىراقتىن ھالقىپ كەتتى، باغدادى ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىن بىر قانۇنلۇق ئىز باسارى دەپ ئاتىدى. بۇ كىشى 2010-يىلى بازا تەشكىلاتى ئىراق شۆبىسى ئورگىنىنىڭ كاتتىۋېشى بولغان. ئۇ ئالى مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان بولۇپ ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۇنۋانىغا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر