7-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، پايتەختتىكى 1000 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىل جۇڭگو خەلق ياپونغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە سارىيى ئالدىغا يىغىلىپ ، ئومۇمىي خەلق ياپون تاجازۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ 77 يىللىقىنى خاتىرىلىدى . جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى .مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
شۇ كۈنى سائەت 10:00 دا ، خاتىرلەش مۇراسىمى باشلاندى ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرى ‹‹پىدائىيلار مارشى ›› نى ياڭراتتى . شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى نەق مەيداندىكى 1000 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى . شى جىنپىڭ ‹‹ مۇستەقىللىق ئەركىنلىك مېدالى ›› ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى .
ئارقىدىن نەق مەيداندىكى 120 نەپەر ياشلار ۋەكىلى ۋە 120 نەپەر ئۆسمۈرلەر ۋەكىلى تەنتەنىلىك بىلەن ‹‹ تارىخنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ ، تىنچلىقنى سۆيۈپ ، دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇپ قالماي ، جۇڭخۇا چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز›› دەپ قەسەم بەردى .
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى خاتىرە سارىيى ئىچىگە كىرىپ ، ‹‹ئۇلۇغ غەلبە — جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارش ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئاساسىي تېمىلىق كۆرگەزمىسى ›› نى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى . كۆرگەزمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر ۋە كونا يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى .