8–ئىيۇل ، شاڭخەيلىك 12 ئايال ‹‹ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى ›› تەشكىللەپ ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئەسىر كوچىسى مېترو بېكىتى ، خەلق باغچىسى ۋە مېيلو شەھەرچىسىنىڭ سىرتىدا ‹‹دۇنيا لوڭقىسى ، ئوغۇل دوستۇمنى قايتۇرۇپ بەر ›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىرازىنى بىلدۈردى . لېكىن نەق مەيداندا بۇ ‹‹ئىتتىپاق ›› تىكى ئەزالار بىلەن يەنە بەزى پۇتبول مەستانىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەردى .
ئاخبارات سەھەر گېزىتى مىكروبىلوگىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا ، بۇ ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب ، مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ياكى ئوغۇل دوستلىرى ئائىلىگە ، ئايالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇغۇت تەكشۈرتىشىگىمۇ ئۆزى يالغۇز بېرىپ تەكشۈرۈتكەن ، بەزى ئەرلەر مۇسابىقىدە قىمار ئويناپ بارلىق بىساتلىرىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەن ، بۇ ئاياللار بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن ئوچۇق–ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈرگەن .