دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل خەلق سارىيىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم يوڭ بىلەن كۆرۈشتى .
دۇنيا بانكىسى جۇڭگونىڭ مۇھىم تەرەققىيات شېرىكى . جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۇنيا بانكىسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى . دۇنيا بانكىسى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى . نۆۋەتتە ، جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ، بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ، ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى زور .ئىككى تەرەپنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىياتتىدىكى مۇھىم نۇقتا ، قىيىن نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، باراۋەر، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، ھەمكارلىقتا ئورتاق پايدىغا ئېرىشىشتەك يېڭىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھالدا دۇنيا بانكىسىنىڭ يەر شارىدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىشلىرى ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.
كىم يوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ، دۇنيا بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ، بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە يەر شارىدا نامراتلىقىنى تۈگىتىش ئىشلىرىدا پائال تۆھپە قوشقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ، ئىنسانىيەتنىڭ پاراغەت تۇرمۇشى ۋە ئادىللىق ، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە قايىلمىز . دۇنيا بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ بازارلاشتۇرۇش ۋە داۋالاش ، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇساپىسىغا بىرلىكتە قاتنىشىشنى خالايدۇ .