كەلپىن ناھىيە گەزلىك يېزا پاسۇن كەنت 4-مەھەللىسىدىكى دېھقان سەنئەتكار بارات ياسىن داڭلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش ئۇستىسى
‹‹ ئەل رايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش ›› پائالىيىتى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىدىن پاسۇن كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بارات ياسىننىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساپ خېرىدارلارغا تۆۋەن باھادا سېتىش ۋە كەنتنىڭ ئەلنەغمە ، مەشرەپلىرىدە باشلامچى بولۇپ ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى گەۋدىلىك نەتىجىلىرى ، ھەمدە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش شارائىتىنىڭ ناچار بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن 100 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى ھەل قىلىپ بەردى . يېقىندا ، بۇ كەنتتە بارات ياسىن چالغۇ ئەسۋابلار ياساش ئۆيى ۋە ئەلنەغمە-مەشرەپ زالى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى .