مۇخبىرنىڭ خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ج خ تارماقلىرىنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ دېلو رازۋېتكا قىلىشى نەتىجىسىدە ، 5-ئىيۇل خاڭجۇدىكى 7-يول كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوت قويغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلگەن بولۇپ ، ساقچىلار دېلونىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان . 5-ئىيۇل سائەت 17:00 ئەتراپىدا ، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ دۇڭپو يولى بىلەن چىڭچۈن يولى كېسىشكەن جايدا ، 7-يول كوچا ئاپتوبۇسىغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان . خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دېلونى پاش قىلىشقا ئاتلانغان . نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ، ۋىدېئو چاستوتىنى تەكشۈرۈش ، نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ، دەلىل-ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرۈپ ، بۇ ۋەقەنى ئوت قويۇش دېلوسى دەپ بېكىتكەن ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئوت قويۇش ۋەقەسىدە ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان بىر ئەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان . جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى 7-ئىيۇل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى . تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، جىنايەت گۇماندارى باۋ لەيشۈ ئەر ، خەنزۇ بولۇپ ، 1980-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، گەنسۇلۇق . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جېجياڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ۋاقىتلىق تۇرغان . 5-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، ئۇ يىۋۇدىن خاڭجۇغا كېلىپ ، سائەت 16:09 ئۆتكەندە ، 7-يول كوچا ئاپتوبۇسىغا چىققان . ئاپتوبۇس دۇڭپو يولى بىلەن چىڭچۈن يولى كېسىشىدىغان جايغا كەلگەندە ئۇ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ئاسان يانىدىغان يېقىلغۇغا ئوت يېقىپ ، ئاپتوبۇستىكى 29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، جىنايەت گۇماندارى باۋ لەيشۈمۇ ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان .