خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2012-يىلى 6-ئايدا، جياڭشى گەننەن پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ساۋ يۇڭچى، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات رامكىسىدىن ئالىي مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ غەربكە مۇلازىمەت قىلىشى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن، غەربكە بېرىپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا نىيەت قىلدى. ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىدىكى ئاقچى ناھىيەسىگە تەقسىم قىلىندى، ئاقچى ناھىيەسى قىزغىزلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ھېسابلىناتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاقچى ناھىيەسى ۋۇشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلدىم، دائىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان پىدائىيلار بىلەن بىرگە يېزىلارغا چۈشۈپ، يەرلىكنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدىم. مەكتەپلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ناچارلىقى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بۇيۇملىرىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن ئالىي مەكتەپتە توپلىغان پاراۋانلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش تەجرىبەم ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىمغا تايىنىپ «ئوقۇشقا ياردەم بېرىش جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى»نى قانات يايدۇرۇشقا بەل باغلىدىم.» ليۇ بىڭ خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى