- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دىپلوماتىيە ئالاھىدە يۆنىلىشىنى شەرھلىدى
2014.07.08 01:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇندىن 3-ئىيۇلغىچە، رۇسىيە 7-نۆۋەتلىك چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر يىغىنى چاقىردى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يىغىندا رۇسىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالاھىدە يۆنىلىشىنى شەرھلىدى.
گەرچە پۇتىن سۆزىدە غەربكە قارىتا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەمكارلىق نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، رۇسىيە-ئامېرىكا ئۇچرىشىشىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىىكنى بىلدۈردى. ئۇ، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ئىجادىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانىلىقى، ئەمما سۆھبەتنىڭ پەقەت باراۋەرلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتا، پۇتىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى پۇرسەتلەر ئۈستىدە كۈچەپ ئىزدىنىدىغانلىقى ھەمدە سودا توسۇقىنى يوقتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر