باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014-يىلى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى 10 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ

2014.07.08 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ياقا رايونلاردىكى دېھقان چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەلىم تەربىيىدىن بەھرىمەن بولۇش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش،ئاساسىي مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2013-يىلىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا،يەنە 1300 ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىپ، 2014-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى 10 مىڭغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىچە: 10يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئالتە قېتىم كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قىلىنغان.كېلەر يىلىدىن باشلاپ قايتا كۆپەيتىپ قوبۇل قىلمايدىكەن، يىللىق قوبۇل قىلىش سانى 10 مىڭ ئىچىدە مۇقىملاشتۇرۇلىدىكەن.2000–يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت ياقا نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقان چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن ،ئېلىمىز ئىچكى جايلاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان 12 شەھەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئاچتى. 2004-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ قېلىپتىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى، قارىماي قاتارلىق 8 شەھەردە 17 تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئاچتى ، ھازىرغىچە بۇ سىنىپنى تەسىس قىلغان شەھەر 13 كە، مەكتەپ 26 گە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر