- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2015-يىلى مەملىكەت بويىچە %1 نوپۇس تاللاپ تەكشۈرۈلىدۇ
2014.07.08 16:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تۈنۈگۈن «2015-يىلى مەملىكەت بويىچە %1 نوپۇسنى تاللاپ تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقاتتى، «مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە %1 نوپۇسنى تاللاپ تەكشۈرۈش قارار قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە %1 نوپۇسنى تاللاپ تەكشۈرۈش 2010-يىلدىن بۇيانقى ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ سانى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، تارقىلىشى ھەمدە ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىقلاپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش، ئىلمىي، توغرا سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر