باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بازىلىرى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ياردەم بەردى

2014.02.12 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 22 – يانۋار كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى 2013 – يىلىدىن بۇيان ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇشقا كىرىشكەن، ھازىر مەملىكەت بويىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن 337سى قۇرۇلۇپ، جەمئىي 11 مىڭ 313 كىچىك، مىكرو كارخانىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

  ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، 2013 – يىلىدىن بۇيان 420 مىڭدىن ئارتۇق پىراكتىكا ئورنى ھازىرلاپ، 210 مىڭدىن ئارتۇق ياشنى پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 50 مىڭ كىشى پىراكتىكىنى تۈگىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ياشلارنى 2 مىليون 401مىڭ 500 ئادەم/قېتىم تەربىيەلىگەن؛ ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئاز سوممىلىق قەرز بەرگەن.

  ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىش كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشتە قوللانغان ئۇسۇلى، شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، راۋاج تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشتىن باشقا، يەنە ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىگە قارىتا نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى بۇلتۇردىن بۇيان، ئۈمىد قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 357 ئۈمىد ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 115 مىڭ ئوقۇغۇچىغا، ئالىي مەكتەپلەردىكى 107 مىڭ نامرات ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن؛ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى چۆرىدەپ، ھەمراھ بولۇپ يۇرتقا قايتىش، چاغاننى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغاندىن سىرت، يەنە ياشلار – ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشلارنى بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنى تورخانىدىن، ياتاقتىن چىقىپ، تەنھەرىكەت مەيدانىغا بېرىپ چېنىقىپ، جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا يېتەكلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر