باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا-شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

2014.02.11 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىننىڭ «قارارى»دا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدا مەلۇم پەرق مەۋجۇت، «قانداق قىلغاندا شەھەر-يېزا پەرقىنى يوقىتىپ، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە قارىتا جايلار بىر قىسىم ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى. 2012-يىلىدىن باشلاپ، چاڭشادا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى رەسمىي بىرلەشتۈرۈلدى.

  بىرلەشتۈرۈشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ چاڭشا شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى باشقۇرۇش-مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو چاڭ مۇنداق دېدى: بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ شەخس تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچىمى 40 يۈەندىن 255 يۈەنگىچە ئىدى؛ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىردەك 40 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرىدىغان بولدى. بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن دېھقانلار بەھىرلىنەلەيدىغان سۇغۇرتا دائىرىسىدىكى دورا ۋە داۋالاش تۈرلىرى ۋە داۋالاش ئورگانلىرىچەكلىك ئىدى. چاڭشا ناھىيەسىنى مىسالغا ئالساق، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا دائىرىسىدىكى دورا ئەسلىدىكى 1300 خىلدىن 2421 خىلغا كۆپەيدى، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا 68گە يەتتى. داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان داۋالاش تۈرىمۇ كۆپەيدى.

  لو چاڭ مۇنداق دېدى: بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، شەھەر-بازار ئاھالىسى دېھقانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھەق تاپشۇرىدىغان، دېھقانلار شەھەر-بازار ئاھالىسىگە ئوخشاش داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. (يەن كې خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر