باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەكلىپى: ئۆي-مۈلۈك بېجىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، شەخستىن باج ئېلىش نۇقتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك

2013.10.18 18:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئۆكتەبىر، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەش» تېمىسى گۇرۇپپىسى بېيجىڭدا گۇرۇپپىنىڭ 2013-يىل كۈزلۈك ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كېيىنكى قەدەملىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا مەملىكەت بويىچە ئۆي-مۈلۈك بېجىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، شەخستىن باج ئېلىش نۇقتىسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكلىپ بېرىلدى.

  دوكلات مۇنداق قارىدى: دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي مۇھىت ئالدىدا، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كېيىنكى قەدەملىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى قىلىش، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان بازار سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىش، بازار توسۇقلىرىنى تىرىشىپ تازىلاش، بايلىقنىڭ تەقسىملىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر