باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئالدىنقى 8 ئايدا، نازارەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 129 كادىر ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلدى

2013.10.18 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى چىرىكلىك-پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغان جەمئىي 22 مىڭ 617 مىڭ دېلودىكى 30 مىڭ 938 ئادەم ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.6 ۋە %3.8 كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 7080 دېلونى ئامما پاش قىلغان؛ چىرىكلىك-پارىخورلۇق جىنايىتى بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەنگەن مۇھىم دېلودىكى ئادەم 1761 گە يەتكەن (نازارەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 129 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ تيېنەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لى داچيۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ سۇيى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى نى فاكې قاتارلىقلار پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەنگەن.

  ئالدىنقى 8 ئايدا، ئامما ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان 13 مىڭ 163 چىرىكلىك-پارىخورلۇق دېلوسىغا ئالاقىدار 18 مىڭ 616 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، دېلوغا چېتىلغان پۇل سوممىسى 3 مىليار 110 مىليون يۈەنگە يەتكەن.(شىڭ شىۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر