بۇ كۆرگەزمىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر (چاغاتايچە)، تىبەت، موڭغۇل، مانجۇ، يىزۇ، دوڭبا، دەيزۇ، شۈيزۇ، جۇاڭزۇ، بۇيى، كورىيان قاتارلىق 12خىل تىلدىكى 75 پارچە قوليازما قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىدىن تاللاپ ئېلىپ كېلىنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئىككى ئىمام تەزكىرىسى»، «گەنجۇر» قاتارلىق 50 پارچە قوليازما گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «دۆلەت دەرىجىلىك قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر» دەپ ئەنگە ئېلىنغان.