جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسى 1959-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھەر قايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يىغىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر كۇتۇپخانىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ 20مىڭ پارچە كۆپرەك قەدىمكى ئەسەرلىرى ساقلىنىۋاتىدۇ. 2009-يىلى 6-ئايدا كۇتۇپخانا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن» دەپ بېكىتىلگەن. 2013-يىلى 3-ئايغىچە كۇتۇپخانىدىكى 73 پارچە قوليازما گوۋۇيۈەننىڭ «دۆلەت دەرىجىلىك قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر» كاتولوگىغا تاللانغان.