مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نۈەن شۈەنفۇغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.04.06 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى نۈەن شۈەنفۇغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان سوتسىيالىستىك قوشنىلار. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىجىل ياخشى راۋاجلىنىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويدى. مەن جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ، فام مىنچىننىڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، زۇڭلى فام مىنچىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ