مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ دۆلەتنىڭ ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىلمىي يىرىك پىلان تۈزۈش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك

2021.04.02 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن جېڭ 3- ئاينىڭ 31- كۈنى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇش مەركىزى، ئاۋىياتسىيە مېتېئورولوگىيەسى مەركىزى، ئاۋىياتسىيە ئاخباراتى مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنى باشقۇرۇش، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى، ئاۋىياتسىيە ئاخباراتى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئىگىلىدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇش بولسا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەمدە ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، ھەمدە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. «14- بەش يىل»لىق ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇشنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە تېخنىكىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ھەرقانداق بىخەستەلىكنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم قانۇنىيەتكە ۋە ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھاۋادىكى قاتناشنىڭ بىخەتەر ۋە مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى نىشانلاپ، مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، جابدۇق-ئۈسكۈنە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋادىكى قاتناشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تىرەك كاپالىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنى ئاۋىياتسىيە جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ