شى جىنپىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ھەممە ئادەم يېشىللىقنى سۆيىدىغان، يېشىللىق بەرپا قىلىدىغان، يېشىللىقنى قوغدايدىغان مەدەنىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

2021.04.06 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، بىزنىڭ بىرلىكتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىمىز ھەممە ئادەم يېشىللىقنى سۆيىدىغان، يېشىللىق بەرپا قىلىدىغان، يېشىللىقنى قوغدايدىغان مەدەنىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ۋەتەننى كۆكەرتىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  باھار شامىلى يېشىللىق ئېلىپ كەلدى، بارلىق شەيئىلەر يېڭىلاندى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بىرلىكتە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونى ۋېنيۈخېدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، پايتەخت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  بۇ كۆلىمى تەخمىنەن 320 مو كېلىدىغان ئوچۇقچىلىق بولۇپ، ئەسلىدە كۆپلىگەن قۇم-شېغىل زاۋۇتى، كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش پونكىتى قاتارلىقلار بار ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆچۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ئارقىلىق، بۇ يەردە سۇ بىلەن يېشىللىق يۇغۇرۇلغان، جانلىقلار كۆپ خىل بولغان، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلىدىغان ئېكولوگىيە بوشلۇقى بەرپا قىلىش پىلانلاندى.

  شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا گۈرجەكنى ئېلىپ كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇ يەردە كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، ئارقىدىن بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە پايتەختتىكى كادىر، ئامما، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  يوۋسۇڭ، ئەيزىشەن، خۇڭرۇيمۇ، بىتاۋ، چيۇشۇ، شىفۇخەيتاڭ... شى جىنپىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالتە تۈپ كۆچەت تىكتى. ئۇ بىر تەرەپتىن پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۇ ئەكېلىپ سۇغاردى، بىر تەرەپتىن بالىلاردىن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئەمگەك بىلەن چېنىقىش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا: كىچىكىڭلاردىنلا ئەمگەك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈڭلار، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈڭلار، ئىشچانلىق ئادەمنىڭ ئاساسىي ساپاسى، دەپ تاپىلىدى. ئۇلارغا: سىلەر چوڭ بولغاندا، ۋەتىنىمىز تېخىمۇ باي-قۇدرەتلىك بولىدۇ. سىلەر ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشكە ئەھمىيەت بېرىشىڭلار، ھەم ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلىشىڭلار، ھەم بەدىنىڭلار كۈچلۈك، ئىرادەڭلەر كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا تەييارلىنىشىڭلار كېرەك، دېدى. كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ئەمگەككە قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن بىللە كۆچەتلەرگە توپا يۆلىدى، چېلەكتە سۇ ئەكېلىپ سۇغاردى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

  يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەر شامالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. كۆچەت تىكىش مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى كادىرلار، ئاممىغا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەتئىي داۋاملاشتۇردى، ۋەتەن زېمىنىدا يېشىللىق بارغانسېرى كۆپىيىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئورمان بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىدا ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق، سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، جەزمەن سىجىل كۈچەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى ئورتاق تونۇشى ۋە ساداسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن تارتىپلا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى توپلىدى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، جەزمەن زور كۈچ سەرپ قىلىپ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىنى تىرىشىپ يېتەكلەش كېرەك. بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، ئورمان كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئاشۇرما مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەر شارىۋى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ھەربىر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. گۈزەل جۇڭگو ۋەتەن تاغ - دەريالىرىنىڭ ھەممىسىنى ساغلام قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ساغلام قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتكە كېلىش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللەپ قوزغاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىق-تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىزنىڭ يەر شارىدىن ئىبارەت يۇرت-ماكانىمىزنى ياخشى ئاسراپ، ۋەتىنىمىزنىڭ سۈزۈك سۈيى، يېشىل تېغىنى ياخشى قوغداپ، خەلقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ