مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

2021.04.02 19:16 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جانلىقلار بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى، سىياسىتى ۋە جانلىقلار بىخەتەرلىكى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلتۇر 10-ئايدا، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. بۇ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ئۇللۇق، ئۇنىۋېرساللىق، سىستېمىلىق، بىر تۇتاش يېتەكچىلىك خاراكتېرىدىكى قانۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ئابىدە خاراكتېرلىك رول ئويناپ، ئېلىمىزنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنىڭ قانۇنچىللىق يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قانۇننىڭ چىقىرىلىشى بىلەن، جانلىقلار بىخەتەرلىكى ساھەسىدە دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى، قانۇن، سىياسەت بىر گەۋدىلەشكەن جانلىقلار بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر قانۇن-تۈزۈملەر كۈچەيتىلىپ، «ئادەمنى ئاساس قىلىش»تەك قانۇن چىقىرىش پىرىنسىپى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بىيوتېخنىكا تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇردى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل «14-بەش يىل»لىق پىلان ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى. جانلىقلار بىخەتەرلىك قانۇنى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇھىم تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ، كۆزىتىش-سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە قوللىنىش كېرەك. ئىككىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ قاتتىقلىقى ۋە نوپۇزىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزام سىستېمىسى، تۈزۈم كاپالىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يانداش قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى داۋاملىق ئىز قوغلاپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ياكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار يەرلىك نىزاملارنى كىچىك كېسىش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئىجادىيلاشتۇرۇپ تۈزۈپ چىقىش ۋە تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. قانۇن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشتەك قانۇنچىللىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن شېن يۆيۆ، دىڭ جۇڭلى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن-قانۇن كومىتېتى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ