مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنىڭ تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ،دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تاماملاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئىشلەش كېرەك

2021.04.02 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنىڭ تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 1-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرما. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار دۆلەت كارخانىلىرى داۋاملىق تۈردە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى. مەن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، قېپقالغان قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تاماملاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئىشلەپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك!

  دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، لېكىن كېيىنكى خىزمەتلەر يەنىلا ناھايىتى ئېغىر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىپ كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، نۇقتىلىق ۋە قىيىن نۇقتىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە «ئارقىغا قاراش»نى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەئاممىنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ۋە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ