باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى ئېلان قىلىندى(2)

2013.03.15 15:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (4) دۆلەت ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەشكىللىنىدۇ. دۆلەت ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق باش مەھكىمىسى، دۆلەت رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەشكىللىنىدۇ.

  (5) دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى يېڭىباشتىن تەشكىللىنىدۇ. ھازىرقى دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ جۇڭگو دېڭىز تەكشۈرۈش باش ئەترىتى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرا مۇداپىيەسى دېڭىز ساقچى قىسىمى، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو بېلىقچىلىق ئىدارىسى، تامۇژنا باش مەھكىمىسىنىڭ دېڭىز ئۈستى ئەتكەسچىلىكى ساقچى قىسىمى قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى يېڭىباشتىن تەشكىللىنىدۇ.

  (6) دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېڭىباشتىن تەشكىللىنىدۇ. ھازىرقى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن دۆلەت ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېڭىباشتىن تەشكىللىنىدۇ ھەمدە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى قايتا ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتىدىن تۆتى قىسقارتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەشكىلىي تارماق ئىككى، مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن قىسقارتىلغىنى ئىككى، قوشۇلغىنىمۇ ئىككى بولۇپ، سانى ئوخشاش. ئىسلاھاتتىن كېيىن گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، گوۋۇيۈەن تەركىبىدە 25 تارماق تەسىس قىلىنىدۇ. 

مەنبە خەلق تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە