12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قەدەر ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە جەمئىي يەتتە كىشى دۆلەت رەئىسى بولدى ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ماۋ زېدۇڭ ، ليۇ شاۋچى ، لى شيەننيەن ، ياڭ شاڭكۈن ، جياڭ زېمىن ، خۇ جىنتاۋ ، شى جىنپىڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بۇنىڭدىن باشقا ، سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان .
بىرىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭ ، 1893-يىلى خۇنەننىڭ شياڭتەندە تۇغۇلۇپ ، 1976-يىلى ۋاپات بولغان . 1949-يىلى 9-ئايدىن 1954-يىلى 9-ئايغىچە، 1954-يىلى 9-ئايدىن 1959-يىلى 4-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت دۆلەت رەئىسى بولغان.
ماۋ زېدۇڭ ئۇلۇغ ماركىسزمچى ، پىرولتارىيات ئىنقىلابچىسى ، ئىستراتېگىيەچى ۋە نەزەرىيەچى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى . 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ، ئۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1954-يىلى ، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تەييارلىغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ›› ماقۇللانغان ، ئۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 1959-يىلىغىچە بولغان .