باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ساياھەت

شىنجاڭدىن تەيۋەنگە بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايروپىلان تۇنجى قېتىم قاتنىدى

2013.03.13 16:36   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭCZ6053 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى  ئۇچۇشقا تەييارلاندى.
جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭCZ6053 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى  ئۇچۇشقا تەييارلاندى. 

  خەلق تورىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 12-مارت سائەت 17:13 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭCZ6053 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن تەيۋەن گاۋشيوڭغا قاراپ ئۇچتى. بۇ شىنجاڭدىكى تەيۋەنگە بارىدىغان تۇنجى ھاۋا يولى، شۇنداقلا ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھاۋا يولى.

  جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تارماق شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئايروپىلانغا 180 نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن 5.5 سائەت، بوشلۇقتىكى مۇساپە 4666 كىلومېتىر. گاۋشيوڭدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانCZ6054قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان 12-مارت 23: 55 مىنۇت ئۆتكەندە گاۋشيوڭدىن ئۇچىدىغان بولۇپ، 143 نەپەر تەيۋەنلىك ساياھەتچىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەيۋەن بىلەن شىنجاڭنىڭ سودا ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر يىلى تۈركۈملىگەن تەيۋەنلىك سودىگەرلەر شىنجاڭغا كىلىپ مەبلەغ سېلىشنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. تەيۋەن بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ پەرقى چوڭ، ئۆز-ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، تەيۋەن ساياھىتى نۇرغۇن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 2013-يىلى شىنجاڭدىن تەيۋەنگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكچى 
    ·جېجياڭ، جىلىن قاتارلىق كۆپ قىسىم ئۆلكىلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «يۈكىنى يەڭگىللىتىش» ئاۋازى ياڭرىدى
    ·«بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت»نىڭ ئاپتورى بورىس ۋاسىلىيىۋ ئالەمدىن ئۆتتى
    ·-يىلى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئېلان قى…
    ·شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلىدۇ 
    ·رۇسىيەدە تەم تەڭشىگۈچكە بولغان ئېھتىياج ئاشماقتا
    ·ئۇكرائىنادا شائىر تاراس شىۋچېنكو ۋاپاتىنىڭ 199 يىللىقى خاتىرىلەندى
    ·ئۇنۋان چەتئەل تىلى ئىمتىھانى ئىسلاھاتى سىناق قىلىنماقتا 
    ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10-مارت باشلاندى 
    ·ئەزالار: شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلەيلى