جان كەنتىدە ياسالغان چالغۇ ئەسۋابلار بازار تاپتى
2013.03.14 17:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
جاي كەنتىدىكى چالغۇ ئەسۋاب ياساش ئۇستىسى ھېيىت ئىمىن شاگىرتىنىڭ تەمبۇر ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا |
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سېيىت مىجىت خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزىسى جاي كەنتىدىكى دېھقانلار مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇردى .
بۇ كەنتتە 215 ئائىلە بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 105 ئائىلە مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . نۆۋەتتە ، بۇ كەنتتە ياسالغان چالغۇ ئەسۋابلار رايونىمىز ئىچىدە بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە