باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتى كوماندىلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 2013-يىللىق ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ كۆپ تۈرىدە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

2013.03.13 10:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىدىكى ترېنېر ۋە توپچىلار
  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، دىلشات مۇھەممەترىشات خەۋىرى ، فوتوسى: مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2013-يىللىق ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە مەكتەپ پۇتبولى پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلغان. قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن، ئاقسۇ، باينغۇلىن، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق ۋىلايەت–ئوبلاستلاردىكى 22 كوماندا تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تۇرپان شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىن بارغان كوماندىلار بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۈچ تۈردە چىمپىيون بولۇشتەك شەرەپنى قولغا كەلتۈرگەن.

  قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇار مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەمىت ئەلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن مائارىپ نازارىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، مۇسابىقە تەييارلىق مۇسابىقىسى، قايتىلانما مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبولچىلىرى ئوغۇل، قىزلار گورۇپپىسى بويىچە يەتتە كىشىلىك مۇسابىقە، باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبولچىلىرى ئوغۇل، قىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە بەش كىشىلىك مۇسابىقە ئوينىدى. ۋىلايىتىمىزدىن بارغان قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇللار پۇتبول كوماندسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇللار گۇرۇپپىسى بويىچە 1-لىككە شۇنداقلا مەدەنىيەتلىك كوماندا ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش مۇكاپاتىغا؛ قەشقەر شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسى قىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1-لىككە، قوغان يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسى 2-لىككە؛ قەشقەر شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسى ئوغۇللار گۇرۇپپىسى بويىچە 1-لىككە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە