جياڭ زېمىن — 1993-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە ، 1998-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان .
جياڭ زېمىن 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1943-يىلىدىن باشلاپ يەر ئاستى پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ، 1946-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ، 1947-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن . 1993-يىلى 3-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان . 1998-يىلى 3-ئايدا، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان .