باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى ئېلان قىلىندى(1)

2013.03.15 15:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چۆرىدەش
  3-ئاينىڭ 15-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى ئېلان قىلىندى. گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭ تارماق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش، تۆمۈريول كەسپىدە مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىشنى يولغا قويۇش، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى، يىمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق ۋە رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيەنى، دېڭىزنى، ئېنېرگىيەنى باشقۇرىدىغان ئاپپاراتلارنى بىرلەشتۈرۈش كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  (1) تۆمۈريول كەسپىدە مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش. تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ تۆمۈريول تەرەققىياتىغا دائىر پىلان ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈش مەمۇرىي مەسئۇلىيىتى قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (2) سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشكىللىنىدۇ. دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىغا دائىر ئىستىراتېگىيە ۋە يىرىك پىلانلارنى، شۇنىڭدەك نوپۇسقا دائىر سىياسەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، تۈزۈش مەسئۇلىيىتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قايتا ساقلاپ قېلىنمايدۇ.

  (3) دۆلەت يىمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەشكىللىنىدۇ. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سۈپەتنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئوبوروت ھالقىسىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۇپ، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەشكىللىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە