باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش تەستىقلاندى

2013.03.15 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14-مارت ېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 14-مارت جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا «گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەستىقى» ئېلان قىلىندى. جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ رۇيخەتكە ئېلىنغان مەبلىغى 1 تىرىليون 36 مىليارد يۈەن بولدى. شۇنىڭدەك تارىختىن قېپقالغان قەرز مەسىلىسى ھەل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، دۆلەتنىڭ بۇ شىركەتتىن ۋاقتىنچە دۆلەت مۈلكى تاپاۋىتى يىغمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  تەستىقتە مۇنداق دېيىلگەن، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى»غا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان، مەركەز تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت مەبلىغىدىكى شېرىكسىز كارخانا بولۇپ، مالىيە مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مەبلەغ سالغۇچىغا خاس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى قانۇن بويىچە شىركەتنى كەسىپ جەھەتتىن نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. (مۇخبىر چى جۇڭشى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە