- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاندى
2013.03.15 16:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 14-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جاڭ دېجياڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا، لى يۈەنچاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى تەستىقلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە