مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

2020.08.06 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمغا دۇچ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كارخانىچىلار كارخانىلارنى يېتەكلەپ، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە خەلقئارا نەزەر قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك». كارخانىچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە خەلقئارا نەزەر قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىدىغان، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشى كېرەك.

  كارخانا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، دۆلەتكە، جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، كارخانىچىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىشتۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇش، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى تىرىشىپ قوزغاپ، كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىيىن شارائىتىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە يىلتىز تارتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىش ئورنىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش كېرەك.

  نەزەر دائىرىسى قانچە كەڭ بولسا، كۆكسى-قارنى شۇنچە كەڭ بولىدۇ. كۆكسى- قارنى قانچە كەڭ بولسا، شۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، كۆكسى-قارنى كەڭ، جاسارىتى چوڭ، ۋەزىيەتنى تونۇشى چوڭ بولۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، مەۋقەنى جۇڭگوغا قارىتىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىش، خەلقئارا بازارنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى، خەلقئارا قائىدىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلقئارا بازار ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلقئارا بازارنى تىرىشىپ ئېچىپ، خەلقئارا بازار خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئۆلچەمنى نىشانلاپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىز كەسىپلىرىنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ