مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «ئۈچنى دەل جايىدا قىلىش» ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرمەسلىكى، ئالدىنى ئېلىشنىڭ زىيادە بولۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

−− «دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش» يۈرۈشلۈك ئوبزورى (3)

2020.08.05 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش لازىم». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تۆت تۈرلۈك تەلەپ ئىچىدە، «دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش» − بىر مۇھىم مېتودولوگىيەدۇر.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇپ، خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى. ھەر قايسى ئۆلكە، ھەر قايسى ناھىيە، رايونلار ئوخشاش بولمىغان يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، ناھىيەلەرنىڭ پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئوخشاش بولمىغان خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى بېكىتىپ، كەسىپلەر ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش − يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى مۇھىم ئىش.

  دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى «ئۈچنى دەل جايىدا قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يەنى تاكتىكىنى تەڭشەش-تاللاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت تەييارلىقىنى دەل جايىدا قىلىش كېرەك.

  يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تەرەققىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا، جانلىق بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تەڭ ئېتىبار بېرىشتە، يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، زىيادە مۇداپىئە كۆرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئايرىم رايونلاردا يۇقۇم ئەھۋالى قايتا كۆرۈلدى، جايلار كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، نىشانلىق داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئىلمىي تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تۈزگەندە، ئاندىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تەرەققىيات مۇھىتى ياراتقىلى بولىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملاشتى، يۇقۇم تارقىلىش، ھەتتا قىسمەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈش خەۋپى يەنىلا ئاز ئەمەس، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئىلمىي، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن زۆرۈر. قىيىنچىلىقنى تېخىمۇ كۆپ مۆلچەرلەپ، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرراق ئويلاش لازىم، تەييارلىۋېلىپ ئىشلەتمەسلىككە بولىدۇكى، تەييارلىقسىز جەڭنى قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، بۇ، يۇقۇم ئاپىتى قايتا يۈز بەرمەسلىكتىكى زۆرۈر تەدبىر.

  توغرا تەدبىر قوللىنىش توغرا تونۇشتىن كېلىدۇ. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ۋەزىپە ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، بىر تەرەپتىن ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ھەيران قالماسلىقتەك «پالەچلىك»تىن ساقلىنىش لازىم، يەنە بىر تەرەپتىن، زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇش، قارا-قۇيۇق چەكلەشتەك «زىيادە سەزگۈرلۈك»تىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم، ھەم «كېسەلنى داۋالىساق» ھەم «كېسەل بولمىغانلارنى داۋالىساق» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى توپلىيالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ