مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىلمىي ئىگىلەش لازىم

2020.08.06 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك». بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئاساسىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ___ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىشتۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر بولۇپ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئاقىللار دەۋرگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ، بىلگۈچىلەر ئىشقا ئەگىشىپ ئۆزىنى تىزگىنلەيدۇ». يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ھەم دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان بولۇپ، روشەن ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە. تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ غايەت زور زەربىسى ئاستىدا، ئىقتىساد پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، قورۇقچىلىق ئاشتى، دۇنيا بازىرىنىڭ تارىيىشى يەنىمۇ كۈچەيدى، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى بىر قەدەر چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

  ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى ئالدىدا، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى ئۇلاشتۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما مەۋقەنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتكە قويۇپ ھەم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نەپ يەتكۈزۈپ، كەلگۈسىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىش تەقسىم قىلپ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىشتۇر. مەيلى تەتۈر شامال ياكى تەتۈر دولقۇنغا يولۇقايلى، بىز تارىخىي توغرا تەرەپتە تۇرۇپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۆز تەرەققىياتىمىزنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ