مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىچىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك

2020.08.06 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا: «كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتى، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى بار، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى، ئەخلاق مەسئۇلىيىتىمۇ بار»، دەپ كۆرسەتتى. كارخانىنىڭ سۈپىتى ۋە ھاياتىي كۈچى بىر ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ مىكرو ئاساسى، ۋاھالەنكى كارخانىچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە كارخانىچىلارنىڭ روھى كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش كارخانىچىلار روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.

  ھەرقانداق كارخانا جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەممىسى جەمئىيەتتىكى كارخانا. شۇڭا، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كارخانىچىلار روھىنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كارخانىنىڭ پۇرسەت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يارىتىشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. دۇنيا بانكىسى ۋە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىلگىرى سانائەت كارخانىلىرىنى بىر قېتىم تەكشۈرگەن بولۇپ، ئەۋرىشكە 12 شەھەردىكى 1268 كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، بۇ كارخانىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلغان كارخانا ۋە كارخانىچىلارلا دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىش تەس ئەمەسكى، خەير-ساخاۋەت، ئاممىۋى پاراۋانلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان كارخانىنىڭ ياخشى ئاممىۋى ئوبرازىنى تىكلىشى تېخىمۇ مۇمكىن؛ ئىستېمالچىلارغا مەسئۇل بولىدىغان كارخانا خېرىدار ۋە بازارنى قولغا كەلتۈرۈشى تېخىمۇ مۇمكىن؛ سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان كارخانا ھۆكۈمەت، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىغا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشىدۇ. كارخانىچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى تېخىمۇ ياخشى تىجارەت مۇھىتى ۋە تېخىمۇ كۆپ بايلىق مەدىتىگە ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك «مەبلەغ سېلىش»تۇر.

  نۆۋەتتە، قورۇقچىلىق ئاشقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشكەن، يەر شارى بازىرى تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، كارخانىچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر. ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ساھە جەمئىيىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كارخانىچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە پائال يېتەكلەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىچىلار ئۆزىمۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ دوستانە تاشقى مۇھىت بەرپا قىلىش، ياخشى ماركا ئابرۇيى تىكلەش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، كارخانىچىلار روھىنى قەتئىي جارى قىلدۇرغاندىلا، كارخانىچىلار غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىش داۋامىدا كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىساد كېمىسىنىڭ مۇقىم، يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ