مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

--- رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىقىنى قوزغىتىش

2020.08.04 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، سانائەت ئالاقە تورىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى، ھەمدە ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە كارخانا فورماتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ھازىر بارغانسېرى كەلگۈسىدىكى ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان پۇرسەت بولۇپ قالدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئېلىمىزدە تېز تەرەققىي قىلماقتا، قوللىنىش كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، يۇغۇرۇلۇش قاتلىمى تەدرىجىي ئۆسۈپ، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق ۋە كەڭ ساھەلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بىرىنچىسى، ئۇ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئىككىنچىسى، ئۇ يەنە بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش تېخنىكىسى ۋە ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھۈنەر-سەنئەتلەر نۇقتىلىق كەسىپلەردە ۋە ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىپ، سانائەت ماشىنا ئادىمى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسۋاب، ئەقلىي ئىقتىدارلىق رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا جابدۇقلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. ئۈچىنچىسى، ئۇ يەنە كۆپەيتىشكە ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە ئۈلگىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  ئاكتىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەننەرخنىڭ چەكلىنىشى، تېخنىكىدىكى بوغما ھالەت ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىللىكى ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئۆزگەرتىش تەننەرخىنىڭ قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا ئۆگىنىشنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئادەم، مالىيە ۋە ماددىي ئەشيا جەھەتتىكى تەننەرخ بېسىمى ناھايىتى زور بولۇپ، بۇ، كارخانىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن تەننەرخ جەھەتتىن كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تاپاۋەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئىمپورت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق باجدا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش مەبلىغى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى قاتارلىق مەخسۇس يۆلەش فوندىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئىتتىرىپ قويۇش» ۋە «تارتىپ قويۇش» ئۈنۈمىنى ھاسىىل قىلىدۇ.

  ئىككىنچىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى تېخنىكىلىق قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى قوللىنىشتىكى بوغما ھالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كۆپ ساندىكى ئەنئەنىۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا ساھەسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە قوللىنىشنىڭ بۇغما ھالىتىگە دۇچ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ «قومۇرۇش نۇقتىسى»نى تېپىپ چىقىشقا، «ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئالماشتۇرۇش»، «ئۈسكۈنە ئۆزىكىنى ئالماشتۇرۇش»، «ماشىنا ئادەم ئالماشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ياسىمىچىلىقنى ئالاقە تورىنىڭ «بۇلۇت ئۇچى»غا ئۇلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق «چوڭ مېڭە»نى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تېخنىكا كىشىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېلىمىز يەنە ئورتاق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى كۈچەيتىشكە، ئاچقۇچلۇق تەرتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئالاھىدە ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسىدىكى بۇغما ھالەتنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقىغا بولغان تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئۈچىنچىسى، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قىس بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆگىنىش ھەمكارلىقىدا توسالغۇغا ئۇچرىغان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە خەلقئارا سۆھبەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلار نىسبەتەن كەمچىل بوكۇش، كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە مەشغۇلات ئىقتىدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆگىنىش ھەمكارلىقى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چەكلەيدىغان كەمچىللىكى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. كارخانىلار ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش لايىھەسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ۋە ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ماھىيەتلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ئىشلىتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئىتتىپاقنى بەرپا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ