مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.07.30 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قارار قىلىندى؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىدىغان يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 29-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قارار قىلىندى؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىدىغان يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. تاشقى سودا سۇبيېكتىنى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىرىنچىدىن، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. كارخانىلارنىڭ زاكازلىرى ئازىيىپ كېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازارنى كېڭەيتىش، زاكازنى كۆپەيتىشنى قوللاش كېرەك. ئېكسپورت ئىناۋىتى سۇغۇرتىسىدىن پايدىلىنىپ، توشۇشتىن ئىلگىرىكى زاكاز تالونىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش خەۋپ- خەتىرىگە پائال كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىناۋەت كاپالىتى + كېپىللىك»نى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئىناۋەت ياردىمى بېرىش لازىم. ئىككىنچىدىن، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار، شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك تىپىدىكى تاشقى سودا كەسپىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چەت ئەلدىكى ئىسكىلات، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، بازار سېتىۋېلىش سودىسى ئۇسۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سىياسەت مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق كاپالەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىشكە قولايلىق يارىتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكرار قەرزنى تەكرار دىسكونت قىلىش مەخسۇس نورمىسى، ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىلىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز كۆلىمى قاتارلىقلاردا چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مەدەت بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رايونلار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 21 ئۆلكىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغىچە كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخنىكا ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئاساسىدا ساياھەتچىلىك ۋە تەنتەربىيە خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىش، قولايلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ