مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2020.08.03 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسپىرانتلار مائارىپى بولسا، خەلق مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ھەم بىۋاسىتە ھەم ئاساسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلار مائارىپى يىغىنىدا، يېڭى دەۋردىكى ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىختىساسلىقلار رىقابىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىدە، ئىجادچان دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك.

  1949- يىلى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى پەقەت 629 ئىدى، 2020- يىلى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 3 مىليوندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. دېمەك، ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى ئازلىقتىن كۆپىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ تېز تەرەققىي قىلىشتەك ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىرقەدەر مۇكەممەل پەن سىستېمىسى، كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورناتتى. ئۆز ئالدىغا تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچى سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە جانلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. كۆپ يوللار ئارقىلىق خىراجەت توپلايدىغان ئاسپىرانتلار مائارىپى سېلىنمىسىنىڭ ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، كۆپ سۇبيېكت ئورتاق قاتنىشىدىغان سۈپەت كاپالىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىققان زور بىر تۈركۈم «تاغقا چىقىش ئەترىتى» ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش نەتىجىسىدە، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاسپىرانتلار مائارىپى بىلەن بولغان پەرقى تەدرىجىي كىچىكلەپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بولۇپمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كىلىنىكىلىق تېببىي كەسپىي ساھە بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلار كىلىنىكىلىق خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فۇجيەن تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى كىلىنىكىلىق تېببىي كەسپىي ساھە بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان %60تىن ئارتۇق ئاسپىرانتلار دوختۇرخانىدا قېلىپ ئىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئارقىلىق، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىش نەتىجىلىرى ۋە ياخشى قىياپىتىنى دۇنياغا نامايان قىلدى.

  ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ دەۋر ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشتا، مەۋقەنى جۇڭگو زېمىنىغا توغرىلاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى پەنلەر ۋە كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشنى تېزلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇستازلار قوشۇنىنىڭ ساپا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنى چوقۇم تۈر بويىچە تەرەققىي قىلىش، ئۆزگىچە تەرەققىي قىلىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. دىققەتنى باشتىن-ئاخىر پەقەت ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپىنى تېزدىن كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەمدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاسپىرانتلار مائارىپى كۈچلۈك دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ