مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھۆججەت-جەدۋەل يوللاش بىلەن ئالدىراش بولىۋەرمىسۇن

2020.08.04 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھۆججەت- جەدۋەل يوللاشتىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ماتېرىيال ۋە جەدۋەلدە «قۇرۇق ئايلىنىپ»، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا تەسىر يەتكۈزدى. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، 2019-يىلى 3- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، ھۆججەت تېغى ۋە يىغىن دېڭىزىنى تۈزەش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ، زىيادە تەكرار، زىيادە ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى؛ 2020-يىلى 4-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىلىرىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى نىشانلىق تۈزەش تەدبىرى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەدۋەل تولدۇرۇش، ماتېرىيال يوللاش جەھەتتىكى يۈكىنى يېنىكلىتىشكە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى: ھەم ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارغا ھۆججەت تارقىتىش سانىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقىرىغا جەدۋەل، ماتېرىيال يوللاش سانىنى ئازايتىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن يۈك نەدىن كېلىدۇ، دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، ئەسلىدە قىزىل باشلىق ھۆججەت تارقىتىش، ئىشخانا سىستېمىسىغا كىرىشكە تېگىشلىك بەزى ھۆججەتلەر ھازىر «ئاق باشلىق ھۆججەت»، «ئاددىي قەغەز» شەكلىدە ياكى ھەر خىل دەرقەملىك ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا ئېقىپ كىرمەكتە. يەنە مەسىلەن، بەزى تارماقلار ۋە كادىرلار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغاندا «ئۆزىنى ئاساس قىلىپ»، ئۆزىنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا تايىنىپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاخىرقى چەككە تاقاپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرمايدۇ؛ ياكى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چەتنەپ، ئورۇنداش تەس بولغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋەزىپىنى ئورۇنداش بېسىمى سەۋەبلىك، كۆپ ھاللاردا ماتېرىيال دۆۋىسىدە قالىدۇ، جەدۋەل يوللاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ۋەزىپىكەشلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلارغا نىسبەتەن ھەم سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئامال قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك، ھەم مەنبەدىن تۈزەش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش دائىملىق مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ھەر قايسى لىنىيىلەردىكى ھۆججەت يوللاشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆلچەمنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، بۇيرۇق چىقىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا ھەر خىل بىرەسمىي ئۇقتۇرۇشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە دىققەت قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرغىلى بولسا ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىرلەشتۈرگىلى بولسا بىرلەشتۈرۈشى لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقە تورى تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تەڭ دەرىجىلىك ئورۇنلار ئارا «ئۇچۇر يالغۇز ئارىلى»نى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاساسىي قاتلامدىن يۇقىرىغا يوللانغان سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپرەك «ماڭدۇرۇپ»، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئاز يول ماڭدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۆپ تەرەپكە يوللاش بېسىمىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ