مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش لازىم

2020.08.03 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەتتۇر. ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، ئامما جىددىي ئاۋاز قوشۇپ ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلەندى، كەڭ تېببىي خادىملار شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى، ھەر مىللەت ئامما چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توستى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى نۆۋەتتە كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، جەزمەن تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن بولغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، قىيىنچىلىقنى يەنىمۇ تولۇقراق ئويلىشىپ، ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنرەك مۆلچەرلەپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەتراپلىقراق تۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق، «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە قايتمايدىغان» جان تىكىپ ئېلىشىشتەك غەيرەت بىلەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، جەزمەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ «تۆت بالدۇر»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشى، كېڭىيىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك؛ مەھەللە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ پەنگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك؛ دوختۇر-سېسترالارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، جەزمەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشەنچنى كۈچەيتىش، چوڭ ۋەزىيەتكە بويسۇنۇش، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەممە كىشى مەسئۇل بولىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قەتئىي بوشلۇق قالدۇرماسلىقى، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقى كېرەك.

  چوڭ جەڭ، چوڭ سىناق ئالدىدا بىز جەزمەن بوران- چاپقۇندىن قورقماي، خىرىستىن قورقماي، بىرلا غەيرەت قىلىپ جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، قەتئىي يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ