مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاكتىپ سىياسەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىش كېرەك

2020.08.04 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بولغان تونۇشى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى. كەلگۈسىدە ئالاقىدار تارماقلار كاپالەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، شۇنداقلا سىياسەت ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تەرەققىيات يوللىرىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۈرلۈك قوللاش سىياسىتى ۋە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ سىياسەت بوشلۇقى يەنىلا كىچىك ئەمەس، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى يەنىلا ئاز ئەمەس.

  بېيجىڭ شەھىرى يېقىندا «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش تەدبىرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بېيجىڭدا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئالتە خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، چوڭ ياشتىكى تىزىملانغان ئىشسىزلار، مېيىپ بولغان، ئەمگەك كۈچلىرى يوق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر، تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشسىز قالغانلار دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى توشقان، لېكىن يەنىلا باشقا شەكىللەر ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارغا قارىتا، ئۇلارنىڭ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ، بۇ يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى يەنە بىر يىل ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ.

  بۇ يىل 4- ئايدا «يېڭى توققۇز ماددا» تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى يەنە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش تەدبىرى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ يەنە شۇ «يېڭى توققۇز ماددا»نىڭ يېڭىسى بولۇپ قالدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى 42 مىڭ كارخانىغا 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇپ بەردى، بۇنىڭغا چېتىلغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 4 مىليون 330 مىڭغا يەتتى. بۇ قېتىم يەنە ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بۇ ئەمەلىيەتتە، بېيجىڭنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى قايتۇرۇش، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قايتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا تىرىشىۋاتقانلىقىدىن، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ يىلقى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» بولسا، بۇ بىر ئاچقۇچلۇق سۆز. 2019- يىلىدىكى بېيجىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدا، تەخمىنەن 640 مىڭ ئادەم بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇسۇلىنى قوللاندى، شەھەر بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 280 مىڭغا يەتتى. بۇلتۇر 9 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىنىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا 3 مىليارد يۈەنگە يېقىن تولۇقلىما بېرىلدى. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھازىر بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، چوڭ ياشتىكى تىزىملانغان ئىشسىزلار، مېيىپلار ۋە ئەمگەك كۈچلىرى يوق ئائىلىلەر دېگىندەك ئالتە خىل جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ يىل ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى سالمىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تونۇشى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار دېگەندە، ئۇلار غەيرى-پۈتۈن كۈنلۈك ئىش تۈزۈمىدىكى خىزمەتلەر، ۋاقىتلىق ۋە ئېلاستىك خىزمەتلەر دېگەندەك جانلىق شەكىللەردىكى خىزمەتلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا، ھەر دەرىجىلىك ئارخىپ ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئارخىپى ساقلانغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغان ئىشسىزلار، ئىستېپا بەرگەنلەر، ئۆزى ئىش تاپقانلار دېگەندەكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش بېسىمى ئاشتى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلدى، بۇنىڭ بىلەن، ئالاقىدار خادىملارنىڭ تۇرمۇش يۈكىنى يېنىكلەتكىلى ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار گەرچە خىزمەت ئورنى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولىدۇ، ھەر ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بېيجىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالاقىدار خادىملارنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بەردى. بۇ يىل يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، جانلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ