مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىدارىسى خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش نامى بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇڭ

2020.08.03 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورى بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ تېز يۇغۇرۇلۇشى پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى، لېكىن توردا قەرز ئېلىش ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىك سۇپىسى نامىدا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. يېقىندا، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىدارىسى بۇ خىلدىكى بىر دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جېجياڭ ۋاڭجوۋ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى توردا قەرز ئېلىش ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىك كەسپىنى قانات يايدۇرۇش نامىدا، تەستىقلاتماي تۇرۇپ مۇئەييەن بولمىغان ئاممىۋىي مەبلەغنى يىغىپ مەبلەغ كۆلچىكى تەسىس قىلىپ، مەبلەغنى تىزگىنلىگەن ۋە باشقۇرغان. ۋاڭجوۋ گۇرۇھى شاڭخەي ۋاڭجوۋ بايلىق سېلىنمىسىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ۋاڭجوۋ پۇخۇي مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، تور قەرز ئۇچۇرى ۋاسىتىچىلىكى نامىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، دىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ يۇقىرى پايدىغا ئېرىشتۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، %7 تىن %15 كىچە بولغان دەۋر ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە پۈتۈشۈپ، ئاممىنى مەبلەغ چىقىرىشقا قىزىقتۇرۇپ، مالىيە باشقۇرۇش مۇئامىلىدارلىرىدىن 3-تەرەپ چىقىم قىلىش سۇپىسىدا مەۋھۇم بانكا ئىسچوتى ئېچىپ ھەمدە بانكا ھېساباتىنى ئۇلاپ، مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تاللىغاندىن كېيىن مەبلەغنى ئىسچوتقا يۆتكەپ مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلغان، ۋاڭجوۋ گۇرۇھى ۋە ئەمەلىي كونترول قىلىنغان كېپىللىك شىركىتى مالىيە باشقۇرۇش خېرىدارلىرىنىڭ ھەقدارلىقىغا كېپىللىك قىلغان. ۋاڭجوۋ گۇرۇھى ئىسچوتتىكى مەبلەغنى باشقۇرۇپ ئىشلەتكەن، ئەڭ ئاخىرىدا مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرگىلى بولمىغان.

  بۇ دېلودا، ۋاڭجوۋ گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ باغلىنىشلىق شىركەتلىرى توردا قەرز ئېلىش ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىك نامى بىلەن تۈر نىشانىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، خېرىدارلارنىڭ مەبلىغىنى قانۇنسىز يىغىپ مەبلەغ كۆلچىكى تەسىس قىلىش، يۇقىرى پايدا ئېلىشقا ۋەدە بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان بولۇپ، بۇ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پۇل مۇئامىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

  بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى ئاپپاراتلار ۋە سۇپىلار توردا ئېلىم – بېرىم ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىكى قاتارلىق پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ياكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يۆلەش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئالاقە تورىدا يېڭىدىن پارچە سېتىش دېگەن ناملاردا تۈر نىشانىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، يۇقىرى پايدىغا ۋەدە بېرىش، مەبلەغ كۆلچىكى تەسىس قىلىش، يېڭى مەبلەغ بىلەن كونىسىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش تۆۋەن چېكىگە چېقىلماقتا. ئامما ئىلمىي، ئەقلىي بولغان پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش ئىستېمال قارىشىنى تۇرغۇزۇشى، مەبلەغ سېلىش كەسپى ئېنىق بولمىغان، خەۋپ-خەتىرى ئېنىق بولمىغان تۈرلەرگە ھەرگىز مەبلەغ سالماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئامما ئۆزىنىڭ خەۋپ –خەتەرنى بىلىش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ–خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەۋپ–خەتەر مايىللىقىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى تاللىشى كېرەك. يۇقىرى پايدىغا قارىغۇلارچە ئىنتىلىپ يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە سەل قاراشقا، شامالغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ، ھەمىشە كېپىللىك ياكى ئاتالمىش «دىرى ۋە ئۆسۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەدىسىنى قوغلىشىپ، خەۋپ-خەتەرنى پەرقلەندۈرۈشكە سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ