مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈندىدارىڭىزنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلەرنى تازىلاشتىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەردىن ئېھتىيات قىلىڭ

2020.08.05 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «سىستېما مېنى يۇيۇۋەتكەنلەرنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ئۇچۇرنى قايتۇرماڭ»، «مېنى يۇيۇۋەتكەنلەرنى تازىلاۋاتىمەن، ئەپۇ قىلىڭ. بۇ ئۈندىدار سالونىغا ئەگەشسىڭىز ھەقسىز تەكشۈرۈتەلەيسىز... » دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ھەممىمىز دېگۈدەك تاپشۇرۇۋالغان. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئۈندىدار ئابونتلىرى «دوست تازىلاش مۇلازىمىتى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دوستلىرىنىڭ سانىنى كونترول قىلىشنى تاللىماقتا. بايقىلىشىچە، بۇ خىل «ئۆچۈرۈۋەتكەنلەرنى تازىلاش» مۇلازىمىتىدە زور خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئابونتلارنىڭ ئۈندىدار ھېساباتىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئوغرىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئېغىر بولغاندا يەنە مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  مۇخبىرنىڭ سىنىقى: ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى «قىلتاققا چۈشتى»!

  گۇاڭجۇ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ ئەپەندى يېقىندا ئۈندىداردىكى دوستلارنى تازىلاش ئۈچۈن «يۇيۇۋەتكەنلەرنى تازىلاش» مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەنلىكىنى، نەتىجىدە «باش ئاغرىقى»نىڭ بۈگۈنگە قەدەر تۈگىمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  «ئۈندىدار نومۇرۇم دوستلار چەمبىرىكىدىكى يۈرەك بەرگەن بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئاستىدا ئاپتوماتىك ھالدا ئېلان يوللىدى، ناتونۇش كىشىلەر مېنىڭ ئۈندىدار خىزمەت توپۇمغا توختىماي تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ھەمدە توپ ئىچىدە ئېلان يوللىدى. مېنىڭ ئۈندىداردىكى بىر قىسىم دوستلىرىممۇ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى». ليۇ ئەپەندىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، بۇ ئەھۋاللار ليۇ ئەپەندى «يۇيۇۋەتكەنلەرنى تازىلاش» مۇلازىمىتى سودىگىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.

  «ئۈندىدارىمدىكى توپلار ۋە دوستلار چەمبىرىكىمنى قالايمىقان قىلىۋەتتى، ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ نامىمدا، ئۈندىداردىكى دوستۇمنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالسا، بۇ بەك خەتەرلىك بولىدۇ». خىزمەتداشلىرى، دوستلىرىنىڭ بۇ سەۋەبلىك ئالدىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ليۇ ئەپەندى ئۈندىداردا كۆپچىلىك بىلەن بىر- بىرلەر ئالاقىلىشىپ چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

  ئۈندىدار تەرەپ «يۇيۇۋەتكەنلەرنى تازىلاش» مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىكنى ئەسكەرتتى

  ئۈندىدار ئەترىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈندىدار تەرەپ «يۇيۇۋەتكەنلەرنى تازىلاش» يۇمشاق دېتالى قاتارلىق ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق بولغان، جەمئىي مىليوندىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرىنى قىسقا مۇددەتلىك ياكى مەڭگۈلۈك چەكلەپ بىر تەرەپ قىلدى.

  «گەرچە ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان «يۇيۇۋەتكەنلەرنى تازىلاش» يۇمشاق دېتالىنى تۈپتىن تۈزەش ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن». گۇاڭجۇ مەلۇم پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى مۇنداق دەپ قارىدى: تېخنىكا جەھەتتە، قانۇنسىز ئاچقۇچىلار ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپ خىل رامكا تېخنىكىسى، تۆۋەن قاتلاملىق بۇيرۇقلارنى تەتقىق قىلىپ، ئۈندىدار بىخەتەرلىك ئەترىتى بىلەن «پارتىزانلىق ئۇرۇشى» قىلىۋاتىدۇ؛ سېتىش جەھەتتە، بىر قىسىم سودىگەرلەر بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى «ماشىنا ياردەمچى»سى قىلىپ پەردازلاپ، سۇپىنىڭ پەرقلەندۈرۈش قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرماقتا.

  گۇاڭجوۋ داشۆسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى لى ياڭ مۇنداق دېدى: ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە سانلىق مەلۇمات ھوقۇق دائىرىسىگە بولغان بىخەتەرلىك قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، توردىكى ناتونۇش كىشىلەر، ناتونۇش ئەپ دېتاللىرىغا قارىتا تېگىشلىك ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك، ئازغىنە پايدىغا بېرىلىپ چوڭ زىيان تارتىشقا بولمايدۇ.

  ئۈندىدار بىخەتەرلىك كوللېكتىپى ئابونتلارغا ئەسكەرتىدۇكى، ئۈندىدار يۇمشاق دېتال كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ياكى ئالدامچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە قىستۇرما دېتال ۋە يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئەگەر بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىگە يولۇققاندا، ئۈندىدار ئابونتلار تېرمىنالى، تېڭشۈن 110 ئەپچىسى ئارقىلىق ئەرز قىلىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ