مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈنىگە نەچچە يۈز يۈەن، ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەن يانچۇققا كىرىدۇ

«ئاسانلا پايدا ئالىدىغان» ئۈندىدار ئىجارىگە بېرىش سودىسىغا قانداق مەخپىيەتلىك ۋە خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان؟

2020.08.05 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۈندىدارىنى ئىجارە بېرىدىغانلار مېنى قوشۇڭلار، بۇ ئۇچۇر ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك»، «ئۈندىدار نومۇرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمەن، سېتىشنى خالىمايدىغانلار ئىجارىگە بەرسىمۇ بولىدۇ، بىر كۈنلۈكى 180 يۈەن»..... يېقىندا، بەزى دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىدار توپىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «ئېلان» پەيدا بولدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بەزىلەر ئازغىنە پايدىنى كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرگەن، بۇ ئۈندىدار نومۇرىنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئالدامچىلىق قىلىش، پۇل يۇيۇش قاتارلىقلار جىنايەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلگەن.

  كىچىككىنە پايدا ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەش

  2019-يىلى 10-ئايدا، خېنەن شىنشياڭدىكى مەلۇم تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى فامىلىلىك ۋە بى فامىلىلىك بىر «بېيىش يولى»نى بايقىغان، يەنى ئۈندىدار نومۇرىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرگەن بولۇپ، ھەر كۈنى ئۈندىدارنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىنى ماس قەدەمدە ئېچىپ قويسىلا، 80 يۈەن ئىش ھەققى ئالالايتتى. پايدا بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇلار يەنە ھايانكەش بولۇپ قالغان، كۆپ قېتىم ھەر كۈنى 50 يۈەنلىك باھا بويىچە ساۋاقداشلىرى، دوستلىرىنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى يىغىپ باشقىلارغا ئىجارە بېرىپ، ئوتتۇرىدىن پايدا تاپقان، قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالغان.

  ناھايىتى تېزلا، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن. بۇ يىل 4-ئايدا ساقچىلارنىڭ بايقىشىچە، جىنايەتچىلەر لى فامىلىلىك، بى فامىلىلىك ئىجارىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق ئۈندىدار نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، 100دىن ئارتۇق قوشۇمچە خىزمەت تۈرىدىكى ئۈندىدار توپىنى قوشۇپ، توردا زاكاز چۈشۈرۈش، قەرز پۇل قاتارلىق ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ بىلەن تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قىلغان. لى فامىلىلىك بىلەن بى فامىلىلىككە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان.

  لى فامىلىلىك، بى فامىلىلىك ئايرىم مىسال ئەمەس. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىدار نومۇرى، ئالىپاي ھېسابات نومۇرى «سودىسى» قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى تور ھېسابات نومۇرىنىڭ كۈنلۈك ئىجارە ھەققى ھەتتا نەچچە يۈز يۈەن، نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

  مۇخبىر توردا ئۈندىدار نومۇرى يىغىدىغان بىر ۋاسىتىچى سودىگەر بىلەن ئالاقىلاشقان، ۋاسىتىچى سودىگەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈندىدار نومۇرىنى ئىجارىگە ئېلىشتا، ئۈندىدارنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىغا چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق «قوش سۇپىلىق تورغا چىقىش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، نومۇر ئىگىسىنىڭ نورمال ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن ھەمدە ئەگەر نومۇر ئىگىسى نورمالسىزلىقنى بايقىسا، خالىغان ۋاقىتتا كومپيوتېر نۇسخىسىدا تورغا چىقىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدىكەن.

  بۇ ۋاسىتىچى سودىگەرنىڭ دېيىشىچە، ئوخشاش بولمىغان ئۈندىدار نومۇرىنىڭ ئىجارە باھاسى ئوخشىمايدىكەن، يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان ئۈندىدار نومۇرى ئەڭ ئەرزان ئىكەن، نەچچە ئاي ئىشلەتكەن، دوستلار چەمبىرىكى بار ھېسابات نومۇرى قىممەترەك ئىكەن، ئەگەر بانكا كارتىسىغا باغلىغان، چىقىم قىلىش ئىقتىدارى بار بولسا تېخىمۇ قىممەت بولىدىكەن، كۆپ سوممىلىق پۇل يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە ھېسابات نومۇرى ئەڭ قىممەت ئىكەن. رويخەتكە ئالدۇرغان ۋاقتى يېرىم يىلدىن ئاشقان، دوستلار سانى 40 تىن ئاشقان، دوستلار چەمبىرىكى جانلىق بولغان ئۈندىدار نومۇرىنىڭ كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 60 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە بولىدىكەن.

  ئۈندىدار سۇپىسى ئۈندىدار نومۇرىنىڭ ئىجارىگە بېرىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خېرىدارلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاتقان ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنى ئىجارىگە بەرگەندە، ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنىڭ يۈتۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن؛ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى ئىچىدىكى شەخسىي سانلىق مەلۇمات ۋە شەخسىي ئۇچۇر قاتارلىقلار يوقاپ كېتىش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قالايمىقان ئىشلىتىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت؛ ئۈندىدار چىقىم ئىسچوتى ۋە باغلىنىشلىق بانكا كارتىسى ئىسچوتىدىكى مەبلەغ بىخەتەرلىكىدە غايەت زور خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت؛ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىدىن باشقىلار پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ھېسابات نومۇرى ئېگىسى بۇ سەۋەبلىك قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ